سۈرەتتە: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى شاڭقان چارۋىچىلىق مەيدانىدا قازاق چارۋىچىلار ئاتلارنى ھەيدىمەكتە
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئايدىكى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى شاڭقان چارۋىچىلىق مەيدانى باھاردا بۆلەكچە قايناق ۋە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. قوي-كالىلار قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھەيدىشى بىلەن ئەتىگەن چىقىپ كەچ كىرىدۇ. چارۋىچىلار سەھەردىلا تۇرۇپ كىگىز ئۆيلىرىنى چۇۋۇپ، قوي-كالىلارنى ھەيدەپ، تاغ ئىچىدىكى يازلىق چارۋىچىلىق فېرمىسىغا قاراپ ماڭىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭگىل ناھىيەسى قازاق چارۋىچىلارنى موقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئوتلاق بايلىقىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياز پەسلىدىكى مول ئوت - چۆپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مال-چارۋا سانىنى ئىلمىي كونترول قىلىپ، كەڭ چارۋىچىلارنى ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش داۋامىدا نەپكە ئېرىشتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى