خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 6-سېنتەبىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخىن پويىز ئىستانسىسى سىرتىدىكى مۇساپىرلار يىغىلىش رايونىدا، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مۇساپىرلارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ماڭغان بىر بالا سىرتقا قول پۇلاڭلاتماقتا. ئۈچ ياشلىق سۈرىيەلىك بالا ئايلان ياۋروپاغا يېتىپ بارالمىدى، ئەكىسچە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ تراگېدىيە پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. نۆۋەتتە ياۋروپا ئېغىر مۇساپىرلار كرىزىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، مۇساپىرلار دولقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالدى، بۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىمۇ سىنىدى. ئۆتكەن ئىككى كۈندە ۋېنگىرىيەدە تۇرۇپ قالغان سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن نەچچە مىڭ مۇساپىر كەينى-كەينىدىن ئاۋسترىيە ئارقىلىق گېرمانىيەگە يېتىپ كەلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى