خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەخسۇس شاڭخەيلىك مۇتەخەسىسلەرنى تەكىلپ قىلىپ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە خوتەن شەھىرىدە «مەكتەپ تەرەققىيات پىلانىنى قانداق تۈزۈش»،«مەكتەپ ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش» تېمىسىدا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق ئالتە مەكتەپ، كورلا شەھىرىدىن ئىككى مەكتەپتىن جەمىئىي سەككىز مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى، ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى ۋە ئىككى ئورۇننىڭ مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بولۇپ 51 نەپەر كىشى قاتناشتى. تەربىيەلەشكە قاتناشقان كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ مۇدىرى يولداش ئەنۋەرجان ياسىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى تەربىيەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق مەن بۇندىن بۇرۇنقى «مەكتەپ تەرەققىيات پىلانىنى قانداق تۈزەش» ۋە «مەكتەپ ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش» توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەجرىبەمنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ قېتىمقى بەش كۈنلۈك تەربىيەلەش ئارقىلىق مۇكەممەل مول بىلىمگە ئىگە بولدۇم، ئۆز مەكتىپىمگە بارغاندىن كېيىن بۇ يەردە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، مەيلى مەكتەپ، ئائىلە تەربىيەسى ياكى مەكتەپ تەرققىيات پىلانى بولسۇن بۇ جەھەتتىكى رولىمنى تېخىمۇ ياخشى جاري قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى