خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 2015-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇتبول مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئۈرۈمچى، كورلا، قۇمۇل، ئالتاي، غۇلجا، سانجى، تۇرپان، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەر كوماندىلىرى قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە بۇ پائالىيەت 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
سۈرەتتە: مۇسابىقە پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى