خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئوردۇس خەۋىرى/ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد: ئاۋغۇست، يايلاقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى، 9 – ئاۋغۇست دۆلىتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن ھەرمىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ گۈزەل ئوردۇس يايلىقىدا جەم بولۇپ، مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن كۈتىۋالدى.
ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار، رۇس قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 270 كىشىلىك شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 205 ئەزىمەت 10 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ 10 چوڭ مۇسابىقە تۈرى ۋە بەش چوڭ تۈردىكى ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىسىنى باشلاپ كەتتى. ـــ مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بالامنى ئېلىپ ئىيۇلنىڭ ئاخىرىلا ئوردۇسقا يېتىپ كەلگەندۇق،- دېدى 10 – ئاۋغۇست ئوردۇس شەھىرىنىڭ ئىزۇنخۇرە خوشۇنى بەيگە مەيدانىدا شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسىنىڭ تەكلىپلىك ترېنېرى يارمۇھەممەت بارات ئوغلى قەيسەر يارمۇھەممەتنى كۆرسىتىپ ماڭا،- ئوغلۇم قەيسەر بۇ يىل 16 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ بۇ ئېتى «غەربىي دىيار مەلىكىسى» بۇ قېتىم تېز سۈرئەتتە چېپىشتا 2000، 3000، 8000 مېترلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئوغلۇم ئېتىنى يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ كۈندە ئېتى بىلەن 8 – 9 سائەت بىللە يۈرىدۇ، ئۇ ئىككىسى ياخشى ھەمكارلىشالىسا بۇ قېتىم ياخشى نەتىجە ئالالىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
10– ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لاردا بىز چۈشكەن ئوردۇش ھىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر كەنتىدىكى مەيداندا خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى 13 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەرمىللەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئوينايدىغان ئۇسسۇلىنى رېپىتىس قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى 30 سېكۇنتلىق ئۇسسۇل ئويناپ مەيداندا قىقاس چىقىرىۋەتكەنىدى. ـــ بۇ قېتىمقى ئۇسسۇل ئويناش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بىز بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپلا ئۇسسۇل ئىجدىيىتىگە كىرىشىپ كەتتۇق. ئۆمىكىمىزنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى شاراپەت راخمان پۈتكۈل ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى ئىخچاملاپ، ئەڭ چىرايلىق قىلىپ لايىھىلىدى، سەنئەت ئۆمەكتىكى 30 غا يېقىن ئارتىسمۇ ئىككى ئايغا يېقىن تەييارلىق قىلىپ مەشىق قىلدى. ئارتىسلار ئەڭ جۇشقۇن ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسى، شىنجاڭغا ەكىللىك قىلىدىغان راۋاپ ۋە داپ بىلەن شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلدى،- دېدى سەنئەت ئۆمەك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ لۈجۈەن ماڭا،- بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق، ناخشا – ئۇسسۇلىرىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ تېخىمۇ پارلاق ئەتىسىگە بولغان ئارمانلىرىمىزنى ناخشا – ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىدۇق. ئۆمىكىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم ھەر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بىزمۇ ناخشا – ئۇسسۇلىرىمىز ئارقىلىق مەركەزگە بولغان سەمىمىي رەھمىتىمىزنى ئىپادىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىلەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرلەش، ئۆزئارا دوستلۇق ياردىمى روھىنى نامايەن قىلماقچىمىز.
ـــ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىرلىقىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىنتىلىشچان، سەمىمىي، ئۈمىدۋار روھىي قىياپىتىنىمۇ نامايەن قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى روھىي قىياپىتىمىز بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى كۈتىۋالىمىز،- دېدى سەنئەت ئۆمەك رېژىسسورى شاراپەت راخمان ماڭا.مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىرى شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن مۇكاپات ئالىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى، ،- دېدى ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەكبەر ئابلىز ماڭا،- ئۈچ ئايدىن بۇيان قىلغان مەشقىمىز ناھايىتى جاپالىق بولغان بولسىمۇ ماھىرلار ناھايىتى جاپالىق، ئەستايىدىل مەشىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىز شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلىۋاتىمىز، مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىمىزمۇ مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بىر مۇھىم مۇسابىقە تۈرى، شۇڭا بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى مەملىكەت خەلقى ئالدىدا نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە ياخشى نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
مەنبە: خەلق تورى