يېقىندا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «ھەربىي ئىشلار خاتىرىسى» پىروگراممىسىدا چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى كوماندىر- ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا تېررورلۇققا قارشى 1- سېپىدىكى جەڭ ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ تاشقورغان تاجېك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزسىدا بىر ئۇچۇم زوراۋان-تېررورچىلار چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ چەت ئەلنىڭ «غازات» مەشق لاگىرىغا قاتنىشىپ، ئاندىن دۆلىتىمىزگە قايتىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان. چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچىلىرى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، بۇ بىر ئۇچۇم تېررورچىلارنى يوقاتقان. كەسكىن جەڭدە 8 تېررورچىدىن 6 سى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 2 سى يارىلانغان.