خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ28 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 14مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونى يېڭى ئەسىر شىڭچېڭ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ خانقىز قورۇنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ماڭغاندا بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ، قول سومكىسى ۋە يان تېلىفونى بۇلانغان. مال-مۈلۈك زىيىنى 10مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ۋاڭ خانقىز ئەسلى قورۇنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ئاپتوموبىلىنى ئالغىلى ماڭغان، ئۇ مېڭىپ قورۇ ئىچىدىكى مەلۇم بىر تاللا بازىرى بىلەن بالىلار باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان مىنىبۇسدىن تۇيۇقسىز بىر ئەر چىقىپ ۋاڭ خانقىزنى بۇلىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى