خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-يانۋار، 2015-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (خوتەن ۋىلايىتى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى) ۋە مەكتەپ پۇتبولى پائالىيىتى خوتەن شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلاندى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 37 كوماندا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 18 ئوغۇللار كوماندىسى، 19 قىزلار كوماندىسى بار. بۇ مۇسابىقە ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، پۇتبول ھەرىكىتى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كەڭ ئومۇملاشقان، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. قىزلارمۇ پۇتبول ھەرىكىتىگە قىزىقىشقا باشلىغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدا كوماندىلار 21 دىن 37 گە كۆپەيگەن، قىزلار كوماندىسىمۇ 8 دىن 19 غا كۆپەيگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى