باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ۋەتەنگە ئاتالغان تۈمەن ھېكايە» پائالىيىتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى(1)

2015.01.05 15:51   مەنبە: خەلق تورى

«ۋەتەنگە ئاتالغان تۈمەن ھېكايە» پائالىيىتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تەسىرلىك ھېكايە ۋە سۈرەتلەردە ئىپادىلەنگىنى  شەخسلەرنىڭ تىرىشىش تارىخى ۋە يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلار تارقاتقان شىنجاڭ روھىدۇر. بۇ ھېكايىلەر ئارقىلىق كۆرگىنىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغان جانلىق شىنجاڭ.

  بۈگۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ۋەتەنگە ئاتالغان تۈمەن ھېكايە» پائالىيىتىدە شىنجاڭدىكى ھەر جاي ھەر ساھەدىن كەلگەن ھەر ياشتىكى 12 «ئاددىي» كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق سەرگۈزەشتىسى ۋە شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە چىن ھېسسىياتنى تارقاتتى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىسمەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، پايتەختتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار، بېيجىڭدىكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ھېكايىلەر ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىشچان، قورقماس، قىزغىن ۋە ئاق كۆڭۈل روھىنى ھېس قىلدى.

  بىرىنچى بولۇپ سۆزلىگەن، ئاتۇشتىن كېلىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بۈۋىمەرىيەم مەمەت ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا ئالتە ئاي بولغاندىمۇ يەنىلا دوكتورلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشنى توختاتمىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇنىڭ بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش روھى بىزنى قايىل قىلغان بولسا، بالىسى تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۈنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇق. ئۇنىڭ ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى پائالىيەتكە قاتناشقانلارنى تەسىرلەندۈردى.

  ھەمراھلىرى «لاۋگۈي» دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ساياھەت يېتەكچىسى بى يادىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇر قىزچاقنىڭ ماۋجۇشىغا قاراپ تۇرغان رەسىم ۋە ئانىسى بەرگەن بىر تال كىشمىش ئۇنىڭدا شىنجاڭغا نىسبەتەن ئۈزۈلمەس رىشتىنى پەيدا قىلغان ئىدى. 2015-يىلى ئۇنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىگە 45 يىل بولىدۇ. 45 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئايىقى تەگمىگەن يەرلەر ئاساسەن قالمىدى، ھازىر ئۇنىڭ يېشى 70 كە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىزدىنىش قەدىمىنى توختاتمىدى، ئۇ داۋاملىق بىزنى باشلاپ شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ئاپىرىدە قىلغان مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئېشەك مىنىپ ماۋجۇشىنى كۆرگىلى بارغان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدىن چېكىنگەن ئايال ئەسكەر رۇقىيە مەمەت سەئىدى ئاتىسىنىڭ ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قىلچە تەۋرەنمەي ھەربىي لاگېرغا كىرىشنى تاللىدى ھەمدە جۇڭگودىكى تۇنجى ئاۋىئاماتكا «لياۋنىڭ ناملىق»قا قەدەم قويدى. ھەرخىل قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇ كەينىگە چېكىنمىدى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا ماۋجۇشىنى كۆرگىلى بارغان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىگە ئەسكەرتىپ تۇردى. ئېرسىيەتتىن قالغان چىدامچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سەپداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ئۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقانلارنى تەسىرلەندۈردى.

  يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى ھەم ئالاھىدە شىنجاڭلىقلار ئاددىيغىنا تىلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ خىيالىنى بىپايان ھەم گۈزەل شىنجاڭ قوينىغا ئېلىپ كەتتى.

  داڭلىق ناخشىچى كېرەم ئاكىمىز «سالام ماۋجۇشى» قاتارلىق كىشىلەرگە تونۇشلۇق ناخشىلارنى ئېيتقاندا، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئەگىشىپ چاۋاك چالدى. «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى»نىڭ چېمپىيونى گۈلمىرەنىڭ نەپىس ئۇسسۇلى ۋە قاراماي نېفىتلىكىدىن كەلگەن لى كۈن ئېيتقان مەشرەپ ناخشىسى كەيپىياتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «2015-يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن <ۋەتەنگە ئاتالغان تۈمەن ھېكايە> پائالىيىتى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى. ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان كەسپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى شىنجاڭلىقلار ئۆزى ۋە شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەيدۇ. ئەڭ ئاددىي كىشىلەر شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق، شىنجاڭ روھى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەسۋىرلىنىدۇ.»

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپلا قالماستىن، يەنە «شىنجاڭ ھېكايىسى» تېمىسىدىكى فوتو سۆرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. «كۈلگەن چىرايلار»، «ئارزۇ ياشنايدۇ»، «بۇ دېگەن شىنجاڭ»، «بەخت بۇ يەردىن باشلانغۇسى» قاتارلىق تېمىلاردىكى سۆرەتلەر، ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى ۋە پەرقلەر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈردى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى
      ·قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى
      ·مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟
      ·ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تاجىكىستان شاخرىنا تىرانسف…
      ·قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن