30-دىكابىر ئاز سانلىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرچە، قازاقچە تارقىتىش سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. بۈگۈن خۇددى مۇشۇ قۇتلۇق كۈننى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن چىققاندەك نەچچە كۈندىن بۇيان بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆكۈنگەن قۇياشمۇ سېخىيلىق بىلەن نۇر چېچىپ ھاۋا باشقىچە ئىللىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلاش، ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە پۇختا تەييارلىقلاردىن كىيىن روياپقا چىققان جۇڭگو تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ(CNTV)ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى يېڭى ئاخبارات تارقىتىش سۇپىسىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دا جۇڭگو تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ چەتئەل تىلى ئاڭلىتىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ بو، جۇڭگو كومپارتىيەسى چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جىدىماجيا، جۇڭگو مىللەتلەر خىزمىتى دائىمىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ ئەزاسى گۇەن پىيجۈن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى خۇ جەنفەن قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.