يېقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى ۋېيدوڭ ئىلى چاشقانباش توشقىنى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇزداۋىنىدا ئويلىمىغان يەردىن بىر ئىلى چاشقانباش توشقىنىنى بايقاپ قالدى، بۇ، ئىلى چاشقانباش توشقىنىنىڭ شىنجاڭدا 1992-يىلدىن كېيىنكى 22 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئىكەن. 1983-يىلى لى ۋېيدوڭ تۇنجى قېتىم ئىلى چاشقانباش توشقىنىنى بايقىغان ۋە بۇ ئىسىمنى قويغان. ئىلى چاشقانباش توشقىنى توشقانسىمانلار ئەترىتىگە، موغا ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ھەم توشقانغا ھەم چاشقانغا ئوخشايدۇ، ئېڭىكى ۋە بوينىنىڭ يان تەرىپىدە قوڭۇر رەڭ بالداق بار ، ئۇ جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس تۈرى، شۇنداقلا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان 24 دانە موغا ئۇرۇقدىشى ئىچىدە قۇلىقى ئەڭ چوڭ، ئارقا پۇتى ئەڭ ئۇزۇن، تېنى ئەڭ چوڭ بولغان بىر خىل تۈر ھېسابلىنىدۇ. 2005-يىلى، ئىلى چاشقانباش توشقىنى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان جانلىقلار›› ناملىق قىزىل تاشلىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. 2008-يىلى، ئۇ يەنە دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ‹‹IUCN نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان جانلىقلار قىزىل تىزىملىكى››گە كىرگۈزۈلگەن.