ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسىنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدا شۇ يەر ۋاقتى 18 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن 7.5 بال يەر تەۋرىگەن.
ئامېرىكىنىڭ قىسقا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى گۇئېررېرو ئىشتاتىدىكى تېكپاننىڭ شىمالىغا 37 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تەۋرەش مەنبەسى چوڭقۇرلۇقى 48 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
يەر تەۋرەش مەركىزى پايتەخت مېكسىكا شەھىرىگە 265 كىلومېتىر كېلىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، مېكسىكا شەھىرىدە تەۋرەش كۈچلۈك بولغان، ئىمارەتلەر 30 سېكونت ئەتراپىدا لىڭشىغان، كۆپ قىسىم كىشىلەر كوچىلارغا چىقىۋالغان.
يەنە باشقا خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن بولغان گۇئېررېرو ئىشتاتىنىڭ مەركىزى چىلپانسىنگودا توك ۋە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.