خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەشىنچى نۆۋەتلىك ئىلى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە شىنجاڭنىڭ « ئۆرۈك يېزىسى» ئىلى ناھىيەسىدە باشلاندى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خۇ خەنمىن، شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى ئىنام نەسىردىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جۇڭگو رادىئو ــ تېلېۋىزىيە سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ھەر مىلللەت ئارتىسلىرى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ساياھەتچىلەر ھۇزۇرىغا ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى سۇندى.