باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىناق قىلىنغان ئالتە شەھەردىكى تەڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۈلۈك ئىگىسى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ

2014.04.08 08:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا قىسمەن شەھەرلەرنى يىغىپ بېيجىڭدا تەڭ ئىگىدارلىقتىكى ئۆي سىناق شەھەرلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، چېڭدۇ، خۇاڭشى، خۈەيئەندىن ئىبارەت ئالتە شەھەر مەملىكەت بويىچە تەڭ ئىگىدارلىقتىكى ئۆي سىناق شەھىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە،«تەڭ ئىگىدارلىقتىكى ئۆي» ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئۆي سېتىۋالغاندا، شەخس ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چىقارغان مەبلەغ نىسبىتى بويىچە ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۆرسىتىدىكەن. ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆكۈمەت بىلەن شەھەر ئاھالىسى بەلگىلىك نىسبەتەن بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدىكەن. تەڭ ئىگىدارلىقتىكى مۈلۈك ئىگىسى ھۆكۈمەتتىن «مۈلۈك ھوقۇقىنى» قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. خۈەيئەن شەھىرى مۇنداق ئۇسۇل قوللاندى: مۈلۈك ئىگىسى 5 يىلدىن 8 يىلغىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى بىر قىسىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، ئەگەر 8 يىلدىن كېيىن يەنە قايتۇرۋالالمىسا، قالغان مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئاز بىر قىسىم ئىجارە ھەققى تاپشۇرسىلا داۋاملىق تۇرسا بولىدۇ. نۇرغۇن بازار ئەھلى بۇ خىل تەڭ ئىگىدارلىقتىكى ئۆيلەرنى ئەرزان باھالىق ئۆي ۋە باھاسىغا چەك قويۇلغان ئۆينىڭ ئورنىغا چىقىرىلغان دەپ قارىدى. بۇنداق ئۆينىڭ بارلىققا كېلىشى ئەرزان باھالىق ئۆي ۋە باھاسىغا چەك قويۇلغان ئۆيلەرنىڭ تارىخى سەھنىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شاڭخەي يىجۈ ئۆي مۈلۈك تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ خۇڭشۈنىڭ قارىشىچە، تەڭ ئىگىدارلىقتىكى ئۆي ئۆي سېتىۋېلىش شەرتىنى تۆۋەنلەتكەن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇل توپلاش قېيىنچىلىقىنىمۇ ھەل قىلىدىكەن، بۇ ئۇسۇلنى بازاردا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر