باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان چوڭ سايلىمى ئاخىرلاشتى

2014.04.08 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پىرېزىدېنت ۋە ئۆلكە پارلامېنتى ئەزالىرى سايلىمى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 5- ئاپرېل ئاخىرلاشتى.

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، سايلامغا 7 مىليونغا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال سايلىغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. پۈتكۈل سايلامغا 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدىكەن. ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى 20 كۈن داۋاملىشىدىكەن، ئاۋاز نەتىجىسى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 5- ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. ئەگەر بىرەر كىشى سايلامدا بىۋاسىتە غەلبە قىلالمىسا، ئېرىشكەن ئاۋاز سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىككى نامزات 2-قېتىملىق ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدىكەن، ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر