باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇشى:ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى جەنۇبىي دېڭىز تالاش تارتىشى ئۈستىدە مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك

2014.04.08 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى ۋۇ شى 4-ئاپرېل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىسمەن ئەمەلدارلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىز تالاش تارتىشى ئۈستىدە مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا رەددىيە بەردى ھەمدە ئامېرىكىنى ئالاقىدار زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچ قانداق مەيداندا بولماسلىق ئۈستىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تەۋەككۈل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سۆز ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. ۋۇ شى شۇ كۈنى ئامېرىكا جورجى مىسىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسىلىنى ئامېرىكىنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل، باراۋەر ئۇسۇلدا ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدە مەيدانىنى بىلدۈرمەسلىكنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا ئامېرىكىنىڭ قىسمەن ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى بۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلمىدى. فىلىپپىنغا يان باستى ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، سىرتقا خاتا ئۇچۇر تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر