- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
لاۋروف: غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك
2014.04.08 08:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 4-ئاپرېلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ باراۋەر ۋە ئەركىن بولۇش ئاساسىدا، ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش-قىلماسلىقدىن ئىبارەت. لاۋروف مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇننى ھەقىقى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. بىراق بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىرتقى كۈچلەر ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك. بىراق ھازىر غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنادا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقتىن، بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ ھەقىقى مۇستەقىللىقىنى يوقۇتۇپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر