جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : بۇ قېتىملىق يىغىن مەملىكەت مىقياسىدا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ۋەزىيىتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن . بىز بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز ، يىغىن روھىنى ئۆگىنىش ، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك . شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزىدۇ . ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشقان ئەمەلىي تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ئاكتىپ تەشۋىق قىلىشى ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا باشلامچى بولۇشى كېرەك .
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ‹‹ئىككى يىغىن ›› نىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كونكرېت خىزمىتى بىلەن، ‹‹ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئورتاق كۈچەش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، بۇنداق ياخشى كەيپىياتنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، بۇنداق ياخشى كەيپىيات ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى كادىرلارنىڭ شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلىشى ۋە شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر قىلىشىنى، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشىنى، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشىنى، ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.