جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى : شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىننىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى . يىغىن جەريانىدا بارلىق ۋەكىللەر تولۇپ–تاشقان قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياخشى سىياسىي ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلدى ۋە قوغدىدى . 60 ۋەكىل پۇختا تەييارلىق قىلىپ ، ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ، ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىپ ، تەكلىپ لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ يېزىپ ، يىغىن ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ ، ياخشى مەسئۇلىيەت قارىشى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى . يىغىن جەريانىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي تۆت پارچە تەكلىپ ، 280 تەۋسىيە تاپشۇردى ، بولۇپمۇ كوللېكتىپ نامىدىن يىغىنغا تاپشۇرغان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان بەش تۈرلۈك مۇھىم تەكلىپنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولدى .
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى : يىغىن جەريانىدا ، ۋەكىللەر شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇردى . بىرىنچىدىن ، ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىيەت ئېڭى كۈچەيدى .بارلىق ۋەكىللەر ئىزچىل باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇردى ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى ساقلاشتا چىڭ تۇردى، شىنجاڭنىڭ ئوبرازى ۋە مەنپەئىتىنى ئاڭلىق قوغدىدى . ئىككىنچىدىن ، ۋەكىللەر دۆلەتنى ۋە شىنجاڭنى سۆيدى . ۋەكىللەر مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن ›› دىن ئىبارەت بۇ سەھنە ۋە كۆزنەكتىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدى ، تۈگۈنلەرنى يەشتى ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ يىغىن ۋە بىرلەشمە يىغىنلاردىكى پىكىر بايان قىلىش پۇرسەتلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى . ئۈچىنچىدىن ، ۋەكىللەر زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا بىردەك قارشى تۇردى . ۋەكىللەر تېررورچىلارنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى . يىغىن جەريانىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلدى، يىغىن ئاددىي – ساددا، تېجەشلىك، كونكرېت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى .