خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئۆكتەبىر، مەشھۇر پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى يولداش شى جوڭشۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى. يولداش شى جوڭشۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ج ك پ پارتىيە تارىخى نەشىرىياتى 15-ئۆكتەبىر «شى جوڭشۈن ئەسەرلىرى توپلىمى»، «شى جوڭشۈن خاتىرە ئەسەرلىرى توپلىمى»، «شى جوڭشۈن سۈرەتلەر توپلىمى» قاتارلىق 3 كىتابنى نەشىر قىلدى. خەلق تورى مەدەنىيەت قانىلى «شى جوڭشۈن سۈرەتلەر توپلىمى» ئىچىدىن تۇنجى قېتىم ئاشكارە كۆرسىتىلگەن نەچچە ئون پارچە قىممەتلىك سۈرەتنى تاللاپ چىقتى. سۈرەتلەر توپلىمىدىكى ۋە يېزىقلار يولداش شى جوڭشۈننىڭ 89 يىللىق ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتىنى جانلىق، ئوبرازلىق نامايان قىلدى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر