خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدوڭ خۇيجوۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 10-ئۆكتەبىر تاراتقۇلارغا 9-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 4 تە، گۇاڭدوڭ 2000 ساقچى چىقىرىپ، خۇيجوۋ شەھىرىنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، گۇاڭجۇ، شېنجىن، دوڭگۇەن، شاۋگۇەن، شەنۋېي شەھىرى ھەم جياڭسۇ، جياڭشى، يۈننەن، فۇجيەندىن ئىبارەت 5 ئۆلكە،10 ۋىلايەت-شەھەردە تورنى بىراقلا يىغىپ، ج خ مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىۋاتقان زەھەر نىشان قىلىنغان مەخسۇس دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، بىراقلا 3 ئالاھىدە زور زەھەر ياساش، سېتىش جىنايەت گۇرۇھىنى بىتچىت قىلىپ، 113 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقانلىقى، 375 كىلوگرام كېتامىنې، 40 كىلوگرام كوكايىن، 20مىڭ تال گىلدىڭلاتقۇنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، 2 زەھەر ياساش ئۇۋىسى، 4 زەھەر ساقلاش ئۇۋىسىنى ، بىر تۈركۈم زەھەر ياساش ماتېرىيالى ۋە سايمانلىرىنى چۇۋۇپ تاشلىغانلىقى، 2 مىليون يۈەن زەھەر سودىسى مەبلىغىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر