خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەدە بىر ئايال دېكتور نەچچە كۈن ئىلگىرى بەك ئوچۇق كىيىنىپ ئېكرانغا چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئەيىبلىگەن، ئارقىدىنلا ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئايال دېكتورنىڭ ئىسمى گوزدە كانسۇ بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقاندا، كۆكسى ئوچۇق قارا مۇراسىم كىيىمى كىيگەن. پروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە-ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن جەلىك كانسۇنىڭ كىيىنىشى خەققە «زادىلا ياقمايدۇ»، ئۇ كىيىم تاللاشتا بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى