بادامنىڭ دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى داڭقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بادامچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتى قەشقەر سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو-ئاسىيا-شىنجاڭ سودا يەرمەنكىسى، گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى، غەرب-شەرق ھەمكارلىق-مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بادامنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش يولىنى كېڭەيتىمەكتە.
ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭنىڭ ئىچى –سىرتىدىن 100 دىن ئارتۇق مۇخبىر، فوتوگراف، 500 دىن ئارتۇق ھەر ساھە زاتلىرى، يەكەندىكى خەلق ئاممىسى بولۇپ، جەمئىي 50 مىڭ ئادەم قېتىم تاماشىبىن قاتناشتى. (قەدىرىيە ساۋۇت خەۋىرى؛ فوتوسى)