ئاتاقلىق يازغۇچى، دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىلىق ئەسىرى ــــ «غۇنچەم» درامىسى يېقىندا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سەنئەت – ئىجادىيەت تەتقىقات مەركىزى بىلەن شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى تەرىپىدىن ئۈچ پەردە، بەش كۆرۈنۈشلۈك قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ دراما 12 – ئاپرېل تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
تىياتىردا غۇنچەم بىلەن نۇرۇمنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، فېئودال باي پومىشچىكلارنىڭ كەڭ ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك ئەزگەنلىكى، خەلقنىڭ فېئودالىزىمنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەسەردە دراماتىك توقۇنۇشلار كەسكىن، زىددىيەت تەرەققىياتى جىددىي، ۋەقەلىك راۋاجى زىچ، ئوبرازلار خاراكتېرى تىپىك، جانلىق، ھەر بىر پېرسۇناژنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخىك ئالاھىدىلىكى تولۇق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك پۇراق ئىنتايىن قويۇق، ناخشا – مۇزىكىلىرى ئاجايىپ يېقىملىق، ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بەرگەن.