شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سەنئەت – ئىجادىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رېژىسسور، «غۇنچەم» درامىسىنىڭ رېژىسسورى قۇربانجان ھېيت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ تىياتىر 1956 – يىلى شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم سەھنىلەشتۈرۈلگەن، 1979 – يىلى 2 – قېتىم سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدا نەچچە يۈز مەيدان ئوينىلىپ، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ياخشى كۆرۈدىغان، تىياتىرچىلىقىمىزدىكى نادىر ئەسەرلەرنى خەلق بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى نەمۇنە ئەسەر بولغان ــ «غۇنچەم» نى قايتىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقتۇق، بۇ قېتىمقى قايتا سەھنىلەشتۈرۈشتە بۇرۇنقى ناخشا تېكىستلىرى ئاساسىدا يەنە ئۈچ ناخشىنى يېڭىدىن يېزىپ كۆپەيتتۇق، ئوينىلىش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 2 سائەت 40 مىنۇتتىن 2 سائەتكە تەڭشىدۇق.
ئىگىلىنىشىچە، «غۇنچەم» درامىسىدا ئاتاقلىق ئاكتىيورلىرىمىزدىن تۇرغۇن ئىمىر، گۈزەلنۇر قۇربان، خالمۇرات ئۆمەر، خەيرىگۈل ھەسەن، ئامىنە ئۆمەر قاتارلىقلار رولغا چىققان. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى، فوتوسى)