- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىدا «ئەڭ سېسىق تەنھەرىكەت ئايىغى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
2013.03.26 13:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا ، ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 38-نۆۋەتلىك «ئەڭ سېسىق تەنھەرىكەت ئايىغى» مۇسابىقىسىدا، 14 ياشلىق كەيسى ئادامس مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا يەتتە ماھىرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ، چېمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ، 2500 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى .
تەنھەرىكەت ئايىغىنى «سېسىتىش» ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. خەۋەر قىلىنىشچە، چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كەيسى ھەر كۈنى تەنھەرىكەت ئايىغىنى كىيىپ توخۇ كاتىكىنى تازىلىغان ھەمدە ئىت بىلەن باغچىنى سەيلە قىلغان. كەيسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزىمىزنىڭ ئايىغىنى ئەڭ سېسىق تەنھەرىكەت ئايىغىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن بىز بەك پەخىرلىك ھېس قىلدۇق .
بىراق ، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەقىقەتەن بەك جاپالىق جەريان، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار نۇرغۇنلىغان باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ مۇسابىقىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىدا دەسلەپكى تاللاش، تاللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ماھىرلار ھەر خىل تاللاش مۇسابىقىلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە