دۇنيادىكى كەم تېپىلىدىغان، جۇڭگودا بىردىنبىر بولغان يەكەن بادىمى نۆۋەتتە دۇنيادىكى تۆت چوڭ شاكاللىق مېۋىنىڭ بىرى. يەكەن ناھىيەسىدە بادامچىلىقنىڭ 1300 يىللىق تارىخى بار. 2004-يىلى يەكەن بادىمى دۆلەت تەرىپىدىن جۇغراپىيەلىك بەلگىگە ئىگە مەھسۇلات دەپ بېكىتىلگەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان يەكەن ناھىيەسى بادامنى نۇقتا قىلىپ تۇتۇپ، ناھىيە ئىچىدىكى باداملىقنىڭ كۆلىمىنى بىر مىليۇن موغا يەتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 400 مىڭ مو يەردىكى بادام مېۋىگە كىرىپ، بادامچىلىق بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشتىكى كۆۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلانغان.