خەلق تورىنىڭ 31-مارت قەشقەر يەكەندىن بەرگەن خەۋىرى. ھەر يىلى 3-4-ئايلاردا يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېزا يوللىرىدا خۇشبۇي ھىد ئادەمنىڭ دىماقلىرىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىل دەل ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دىيار يەكەندىكى بادام چېچەكلىرى ھۆپپىدە ئېچىلغان مەزگىلدۇر. 3-ئاينىڭ 30-كۈنى يەكەن ناھىيەسى 2013-يىلىق ساياھەت مەدەنىيەت يىلى ۋە 5-نۆۋەتلىك بادام چېچىكى بايرىمى ئارال يېزىسىنىڭ ئازغانباغ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق باداملىق باغدا باشلاندى.
يەكەن ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كوئىنلۇن تېغىنىڭ غەربىي شىمال ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، زەرەپشان دەرياسى بۇ ناھىيەنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، يەكەن كۆلەم جەھەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قەدىمىي بوستانلىق ، يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ۋە غەربىي دىيار مەدەنىيىتىگە 12 مۇقام مەدەنىيىتى قوشۇلۇپ، يەكەننى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. يەكەن ناھىيەسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىق 23 مىللەت بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس 850 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %96.3نى تەشكىل قىلىدۇ.