بۇ قېتىمقى قوغۇن يۇرتىدا نورۇز بەدىئىي سەنئەت فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىنى پەيزىۋات ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللىدى.
ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ھاكىم غالى راخمان تەبرىك سۆزى سۆزلەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئالىي تىلەكلەرنى تىلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا نورۇز بەزمىسىگە قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، مېھمانلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى ئالدى بىلەن كۆك چۆچۈرىسى، نورۇز ئېشىغا داخىل بولۇپ، يېڭى يىللىق ئېسىل نېمەتتىن ھۇزۇرلاندى.
ئۇندىن باشقا يەنە مەھەللە مەشرىپى، ئوغلاق تارتىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش ۋە ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق ئاممىۋىي خاراكتېرلىق مول-مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. پەيزىۋات ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئەل ئىچى سەنئەتكارلار ئورۇندىغان بەدىئىيلىكى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ يەرلىك پۇراق ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نادىر سەنئەت نومۇرلىرى، شائىر، يازغۇچىلارنىڭ نورۇزنامە، نەسر، شېئىرىي چاقچاقلىرى پائالىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، بۇ دىياردىكى خەلقنىڭ ئەمگەكچان، ئەقىللىق، مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتەك قىزغىن روھى، مېھمان دوستلۇقنى نامايان قىلدى.
ئىگىلىنىشچە: قوغۇن يۇرتىدا نورۇز بەدىئىي سەنئەت فىلىمى 3-ئاينىڭ 20–كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-، ،5-، ۋە 9-يۈرۈش قاناللىرىدا ئالتۇن ۋاقىتتا ھەر مىللەت كۆرۇرمەنلىرى بىلەن يۇز كۆرۈشىدىكەن.