باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى: خەلق تورىنىڭ «يەرلىك رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى»دىن ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە نەزەر

2016.09.22 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى «يەرلىك رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتى»نى قۇرغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، تور ئەھلىلىرى 930 مىڭدىن ئارتۇق سۆز قالدۇرۇپ، قالدۇرغان سۆزنىڭ %60تىن كۆپرەكى جاۋابقا ئېرىشتى. ئامما تورغا چىقسا، ئاممىۋى لۇشيەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تورغا چىقىشى كېرەك ــــ

  خەلق تورىنىڭ تورداشلىرى سىچۇەن ئۆلكىسى لېشەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ لىنغا خەت قالدۇرغانلا بولسا، ئۇ ھەر بىر تالنى كۆرۈپلا قالماستىن يەنە ھەر بىرىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب پىكىرنى تەكشۈرۈش ئاخىرقى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىگە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىپىنىڭ قاتتىق، ئۇسۇلىنىڭ «ئاچچىق»لىقى يەرلىك كادىرلارغا بەش قولدەك ئايان.

  «ئالاقە تورى +» ئاممىۋى لۇشيەن ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈشتە، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا ئەل رايى، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ھېسسىياتى. مەسىلە تور ئارقىلىق نامايان بولۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى «تورغا يېقىنلىشىش»قا قىستايدۇ.

  «جاۋاب بەرگەندە چۈشۈرۈپ قويماسلىق، تاللاپ جاۋاب قايتۇرماسلىق، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق.» بۇ ئەنخۇي ئۆلكىسى خاۋجۇ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل خەلق تورىنىڭ سۆز قالدۇرۇش بېتىگە جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان «ئۈچ قىلماسلىق پىرىنسىپى».

  «مەسىلە قارشى»نى تۈزىتىش بىلەن خاۋجۇ شەھىرىدە «پىكىر ئېلىش ساندۇقى» پەقەت سەرەمجانلا بولمىدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلدىن تەدبىر سوراپ، ئەلدىن ھال-ئەھۋال سوراپ، ئەلدىن ئەقىل سوراپ، خاۋجۇ شەھىرى بۇ يىل 30 تۈرلۈك خىزمەت مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، جايلاردىكى ھەر قايسى تارماقلارغا بۆلۈپ بەردى. مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىل بېشىدا نومۇر ئېلىپ، يىل ئاخىرىدا نومۇرنى ئۆچۈردى ___ بىر يۈرۈش ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى، خاۋجۇ شەھەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مەسىلىنى ئېلىپ خىزمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «ئالاقە تورى+» ئاممىۋى لۇشيەنى، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى سىنايدىغان سىناق، شۇنداقلا «مەسىلە قارىشى»، «نازارەت قىلىش قارىشى»نى سىنايدىغان سىناق. 570 مىڭ جاۋاب خەت ئارىسىدا، كۆپەيتىشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان تەجرىبە: مەسىلە يېتەكچىلىكىدە ئېنىق بولۇپ، تور بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، كادىرلارنىڭ بېشىنى قاتتۇرغان جامائەت پىكرىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇنى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدىغان يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر