باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدە: گۈللەنگەن يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى

ــــ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە (12)

2013.11.12 19:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئوي-پىكىر تېخىمۇ ئېنىق بولدى، جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن تىجارەتلىك مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى بارغانسېرى زور بولماقتا.

  پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇنداقلا مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئوي-پىكىر ئېنىق بولدى، جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن تىجارەتلىك مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ باردى، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى بارغانسېرى زور بولماقتا.

  ئىسلاھات ئوي-پىكرى ئېنىق بولدى

  مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتىن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگەردى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى يېڭى ئون يىلغا قەدەم قويدى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىمۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم باستى.

  يېڭى تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئېنىق ئوي-پىكىر بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەركىزىي مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېيجىڭدا مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىندى، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا لايىقلىشىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ ئىكەنلىكى، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكى شەرھلەندى.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر