باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>图片新闻

ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش كېرەك

2015.03.05 12:11   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش كېرەك

  يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنى يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

  4-مارت تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ ئەزالارنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشتىكى توغرا يول ھەم تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى پارلاق يول، تىنچ تەرەققىيات يولى، ئورتاق سىياسىي ئاساس، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنى يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا جېن جيەنباڭ، ياڭ جيەن، ۋېن شۆچيۇڭ، جى بىن، لى ئەيجۈن، لو شامىڭ، جېڭ گۇاڭتەي، ليۇ جياچياڭ، خۇ يوچىڭ، فېڭ گۇڭ، فۇ خۇيمىندىن ئىبارەت 11 ئەزا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشلىرى ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك خەلق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدىكى مۈشكۈل ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سالماق ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى تېز، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا تەيۋەن ئىشلىرى خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەت، يۆنىلىش، تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تۈزۈملەشكەن كېڭىشىشى جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە – ھەمكارلىقتا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدۇق، تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. تۈپتىن ئېيتقاندا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە، توغرا سىياسەت – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەيۋەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكتىلىدى: ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››نى تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنىڭ ئاساسى ۋە شەرتى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشنىڭ يادروسى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئوخشاشلا بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇ نۇقتىغا ئەمەل قىلالىساقلا، تەيۋەندىكى ھەر قانداق پارتىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسىدە ھېچقانداق توسالغۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ۋە جەمئىيەتنى قارشىلاشتۇرۇشقا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋى ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور كاشىلا ھەم تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدىكى ئەڭ زور خەۋپ بولۇپ، جەزمەن قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى سىياسەت – تەدبىرلەرنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيمىز. تەيۋەندىكى ھەر ساھە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ پىكرى ۋە ئېھتىياجىنى چۈشىنىشنى خالايمىز. تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئالاقە ئورنىتىش مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللىغۇچىلاردىن، ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالقىشلايمىز. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىدىغان، تەيۋەنلىك ياشلارنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشنى، يېڭى ماكان ئېچىپ بېرىشنى خالايمىز. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، جۈملىدىن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئەزەلدىن تەقدىرداش بولۇپ، شەرەپ-نومۇستا بىللە بولۇپ كەلگەن. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە چارە-تەدبىر كۆرسىتىشى ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئەزالارنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان چوڭ سىياسەت-فاڭجېنى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەيۋەن رايونى ۋە چەت ئەللەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز