ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاۋار ئۆي سودىسىدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى رېكورد يارىتىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىش ۋە تاۋار ئۆي سودىسىدا ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورد يارىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلغانلىقى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
2013-يىلىدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى كارخانا مەبلىغىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بارغانسېرى گۈللىنىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە سېلنغان مەبلەغ تېز ئېشىپ، تاۋار ئۆي سودىسى ئىزچىل ياخشى بولغان.
تاۋار ئۆي سودىسىدا ، سېتىلغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 12 مىليون 39 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ ، %51.3 ئاشقان ؛ تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش سوممىسى 54 مىليارد 888 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، %68.8 ئېشىپ ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 18.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل