- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى
2013.11.13 15:18 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بەئەينى ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان رەڭلىك ئىستىرىئو ھەيكەل ، ئىچكى قىسمى ئىنتايىن نەپىس بېزەلگەن ئۇچار تەخسە ، مۇرەككەپ ھەم ناھايىتى ئىنچىكە لايىھەلەنگەن تەشمە نۇسخىلىق لوڭقا ، راستتەكلا نۇسخىلاپ چىقىرىلغان مۇكەممەل نۇسخىدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ... 11-نويابىر ، كىشىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹سىرۈيدې›› ئۈچ ئۆلچەملىك ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا ئەسلىدىكىگە ئوپمۇئوخشاش چىققان بۇ مودېللارنى كۆرگەندە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ ، قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى ، قايسى زېھنى ئۆتكۈر ، قولى گۈل زات بۇ مودېللارنى ئەسلىدىكىگە بۇنچە ئوخشاش ياساپ چىققاندۇ ، دېگەن خىيال بىلەن يېقىن بارغانلار بولسا ، بۇ مودېللارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭمۇ شۇنچە نەپىس ھەم بىرەر تال چاپلىغان ئىزنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى .
‹‹سىرۈيدې ›› ئۈچ ئۆلچەملىك ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى جاڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ دەل 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى ئېلىپ كەلگەن مۆجىزە . ‹‹3Dلىق نۇسخىلاش ›› نىڭ پەننىي ئىسمى ‹‹ تېز سۈرئەتتە شەكىلگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى ›› بولۇپ ، كومپيۇتېردا لايىھەلەنگەن ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلنى ئاساس نۇسخا قىلغان ھالدا ، لازىر نۇر دەستىسى ، ئېرىتىپ پۈركۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، مېتال ئۇۋىقى ، فارفور ئۇۋىقى ۋە PLA كۆممىقوناق كىراخمالى قاتارلىق ئالاھىدە ماتېرىياللارنى قاتلاممۇ قاتلام چاپلاش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . بۈگۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىنجاڭغىمۇ يېتىپ كەلدى .
ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى 3-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ . ئۇ نۆۋەتتە ، ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلۇشى ، ھەربىي سانائەت ۋە قورال-ياراغ ، ئاپتوموبىل ، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، ئېلېكتىرون ساھەسى ، بىئومېدىتسىنا ، چىش ئىلمى ، زىبۇ-زىننەت ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ، ئىستېمال بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، يېمەكلىك ، قۇرۇلۇش ، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹12-بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر