باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەشىر ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.11.12 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 30 – ئۆكتەبىر سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ب د ت نىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئىبراھىمى 30 – ئۆكتەبىر سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن كۆرۈشتى، بۇ ھەرىكەت خەلقئارالىق تىنچلىق يىغىنى ئېچىش، سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى: 30 – ئۆكتەبىر، ئىبراھىمى دەمەشىقتە بەشىر بىلەن سۆھبەتلەشتى، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئون ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  بەشىر مۇنداق دېگەن: سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال چەت ئەل كۈچلىرى سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىشنى توختىتىشى كېرەك. يېقىندا، ئىبراھىمى ئوتتۇرا شەرق رايونىنى زىيارەت قىلىپ، جەنۋە خەلقئارالىق تىنچلىق يىغىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن. لېكىن، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش – قاتناشماسلىقى ھەققىدىكى دەتالاش يەنىلا كۆپ. سۇرىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى ئىكەن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 29 – ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر مۇئاۋىن زۇڭلى جامىلنى خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلدى، دەپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جامىل ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا چەت ئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشكەنىكەن.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى باش ئەلچىسى روبېرت فوردنىڭ 26 – ئۆكتەبىر جەنۋەدە جامىل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: بىز سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن سۇرىيەلىكلەر بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايمىز.

  جامىل «ئىسلاھات ۋە خەلقنى ئازاد قىلىش سېپى» نىڭ ۋەكىلى. «ئىسلاھات ۋە خەلقنى ئازاد قىلىش سېپى» بەشىر ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «ئىچكى قىسىمدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ». تەنقىدچىلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، بەشىر ئىككى يىلدىن بۇيان بىر يۈرۈش تەدبىر قوللانغان بولۇپ، «ئىچكى قىسىمدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ» قۇرۇش مۇشۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: جامىلنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغان كۈنى سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ب د ت نىڭ سۇرىيەدىكى ئەلچىسى ئىبراھىمى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنى ئېچىشنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر