باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەڭرىتاغ تورى ‹‹جۇڭگو يەرلىك تور بېكەتلىرى ئىچىدىكى 10 داڭلىق ماركا›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2013.11.12 15:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تەڭرىتاغ تورى ئېرىشكەن ‹‹جۇڭگو يەرلىك تور بېكەتلىرى ئىچىدىكى 10 داڭلىق ماركا ›› مۇكاپاتى
  9-نويابىر، ‹‹2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تور تاراتقۇلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى ›› پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى ، تەڭرىتاغ تورى تەكلىپ بىلەن مۇنبەرگە قاتناشتى ھەمدە ئىككى تۈر بويىچە مۇكاپاتلاندى . يىغىندا جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى داڭلىق ماركا مۇكاپاتى تەشكىلىي كومىتېتى تەڭرىتاغ تورىغا ‹‹ جۇڭگو يەرلىك تور بېكەتلىرى ئىچىدىكى 10 داڭلىق ماركا ››، ‹‹ جۇڭگو كۆچمە يېڭى تاراتقۇلار ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى ›› نى بەردى . بۇ ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ مەملىكەت بويىچە يەرلىك تور بېكەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئىجادچانلىققا ئىگە داڭلىق ماركا مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشكەندىن كېيىن ، يەنە بىر قېتىم يەرلىك تور بېكەتلىرى ئىچىدىكى داڭلىق ماركا مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  تەڭرىتاغ تورى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتكەن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ قۇرغان ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى باشقۇرىدىغان ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت تورى ئاخبارات مەركىزى ئۈستىگە ئالغان ، شىنجاڭ گېزىتى ، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق شىنجاڭدىكى 10 دىن ئارتۇق تاراتقۇلار قۇرۇشقا ھەمكارلاشقان يېڭىچە شەكىلدىكى تور ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئاخبارات تەشۋىقات تور بېكىتى ھېسابلىنىدۇ .

  تەڭرىتاغ تورى 2001-يىلى 18-دېكابىر قۇرۇلغاندىن بۇيان ، ‹‹ كۆپ خىل تىلدىكى ئاخبارات ئۇنىۋېرىسال تور مۇلازىمەت سۇپىسى ›› بەرپا قىلىپ ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ، شىنجاڭنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىدىكى بىر يېڭى كۈچ ۋە دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلانغان . نۆۋەتتە ، تەڭرىتاغ تورى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، ئىنگلىزچە ، رۇسچە بەش خىل تىلدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق مۇھىم ئاخبارات تور بېكىتى ھېسابلىنىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر