باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بەختلىكمەن تۆتقۇلاقسىزمۇ

ئايگۈل نۇرمۇھەممەت قۇربانى

2013.11.12 16:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىمدىن، قاچان ئاڭلىغىنىمىز ئۈچىلىمىزنىڭ ئېسىدە يوق. ئەمما، ئوخشاش بىر گەپنى ئاڭلىغىنىمىز ئېنىق. بەلكىم باشقىلارمۇ ‹‹ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن <تۆتقۇلاق> تېپىۋالغان ئادەم بەخىتلىك بولۇپ مۇرادىغا يېتىدۇ››دېگەننى ئاڭلىغان بولغىيتتى. بۇ بەلكىم، ساناقسىز ئادەم دېڭىزىدىن كۆڭلىمىزدىكى ئادىمىمىزنى، يەنى بەخت نىشانىمىزنى ئىزدەپ تاپقىنىمىزغا ئوخشىسا كېرەك.

  ئۈچىمىز ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن ‹‹بەخت›› ىمىزنى ئىزدەۋاتىمىز.

  بىلەمسەن جېنىم، مەن زادىلا تۆتقۇلاق تېپىپ باقمىغان، ئۈچقۇلاقلار ئارىسىنى نەچچە كۈن ئىزدەپمۇ بىرەر تال تۆتقۇلاق تېپىپ باقمىغان. ئەمما بۈگۈن مەن ئۇ ‹‹بەخت›› نى تېپىۋالدىم، ئۇنى سەن ماڭا سوۋغا قىلغان خاتىرەمدىن تېپىۋالدىم. پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن، سەن ماڭا خاتىرە ئارىسىدا تۆتقۇلاق بارلىقىنى ئېيتمىغانىدىڭ، بەكلا ھەيران قالدىم. ئۆتكەن قېتىم ئۈچقۇلاقلار بۇلۇق ئۆسكەن يەردە قانماي مۇڭداشقىنىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە. شۇ چاغدا مەن ساڭا: ‹‹كىشىلەر بەختىنى تۆت قۇلاققا ئوخشىتىدىكەن، ئەمما مەن ئەزەلدىن تۆتقۇلاق تېپىپ باقمىدىم ›› دېگەنىدىم. ئەمدى بىلدىم، جېنىم، بەلكى شۇ گەپلىرىم سېنىڭ تۆتقۇلاق ئىزدەپ خاتىرە دەپتەر ئارىسىغا سېلىپ قويۇشۇڭغا سەۋەب بولغاندۇ، سەن كىچىككىنە ئارزۇلىرىمنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرسەم دەيتتىڭ. شۇ ۋاقىتلاردا، سەن بەختىم ئىدىڭ – يۇ، مەن يەنىلا تۆتقۇلاق ئىزدەيتتىم. ئۈچىمىز ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن بەختىمىزنى ئىزدەۋاتىمىز. قارا، جېنىم! مەن بۈگۈن توققۇز تال تۆتقۇلاق تېپىۋالدىم، ئەلۋەتتە ئىككى دوستۇممۇ تاپتى. ئىلاھىم، ھەممىمىزنىڭ بەختىمىز زىيادە، پىشانىمىز ئوڭ بولغاي! بىلەمسەن، جېنىم، مەن ھېلىقى خاتىرىدىن سەن سوۋغا قىلغان ‹‹بەخت›› نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن ‹‹بەخت›› ىمنى تاپتىم. سەن مېنىڭ بەختىم... ئۈچىمىز ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن ‹‹بەخت›› ىمىزنى ئىزدەۋاتىمىز. ئاڭلا، جېنىم! ئۈچىمىز ئۈچ قۇلاقلار ئارىسىدىن ‹‹بەخت›› ىمىزنى تېپىپ شۇنداق خۇش بولدۇق. تاپقان ‹‹بەخت›› ىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چۆرگىلىدۇق، كۈلۈشتۇق، ئۇلار تاپقان بەختلىرىنى ماڭا كۆرەك قىلدى، بىراق مەن ئۇنداق قىلمىدىم. بۇ خۇشاللىقىمنى ساڭا، پەقەت ساڭىلا ئېيتقۇم كەلدى، سېنىمۇ خۇش بولسىكەن دېدىم. دوستلىرىمنى قالدۇرۇپ قېشىڭغا يۈگۈردۈم. ئۇلار قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق كۈلكىسى بىلەن مېنى ئۇزىتىپ قويدى. مەن قېشىڭغا كېلىپ ھاسىراپ تۇرۇپ: ‹‹قاراڭ، بىز ئۈچىمىز ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن بەختىنى ئىزدىگەن ئۈچ ئەخمەق بولدۇق، مەن توققۇز تال <بەخت> تېپىۋالدىم ›› دېدىم. سەن چۇۋۇلغان چاچلىرىمنى تۈزەشتۇرگەچ ‹‹سىلەر ئەخمەق ئەمەس، ئوماقلار›› دەپ چاقچاق قىلغاندىن كېيىن ‹‹سىزنىڭ ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ بەختى ئېچىلسۇن!›› دېدىڭ. شۇ چاغدا مېنىڭ بەختىمنى ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن ئەمەس، سەندىن تاپقانلىقىمنى بىلگەنمىدىڭ، جېنىم؟!

  ئۈچىمىز ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن ‹‹بەخت›› ىمىزنى ئىزدەۋاتىمىز.

  جېنىم، دوستلىرىم بىلەن ‹‹بەخت›› ىمىزنى ئىزدىگەن ئەنە شۇ ئىشقا يەتتە يىل، سېنىڭ مەن ۋە يۈرەك پارەڭ بولغان قوشكېزەك قىزلىرىڭنى تاشلاپ كەتكىنىڭگە بۈگۈن توپتوغرا بەش يىل بولدى. بۈگۈن سەھەردە ئوماق قىزلىرىمىزنى يېتىلەپ تۇپراق بېشىڭغا باردىم. تۇپراق بېشىڭدىكى كىچىككىنە يەرگە لەيلىقازاق ۋە ئۈچقۇلاق تېرىپ قويغان ئىدىم، شۇنداق چىرايلىق ياشىرىپتۇ. قىزلىرىمىزغا تۆتقۇلاق ۋە ‹‹بەخت›› توغرىسىدىكى ھېلىقى گەپنى ئېيتىپ بېرىۋېدىم، ئۇلار ‹‹بىزنىمۇ جىق ئۈچقۇلاق بار يەرگە ئاپىرىڭ، بىزمۇ <بەخت> ىمىزنى تاپىمىز›› دېگەچكە، بۈگۈن قىزلىرىمىز بىلەن مەن ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدا تۆتقۇلاق ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن. ئەلۋەتتە، بۈگۈن مەن ‹‹بەخت›› ىمنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزلىرىمىزغا ‹‹بەخت›› نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم.

  جېنىم، بۈگۈن مېنىڭ نېمىشقا ‹‹بەخت›› ىمنى ئىزدىمىگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ ساڭا دېسەم، سەن ماڭا ھېلىقى خاتىرىنى سوۋغا قىلىشتىن ئىلگىرىلا مەن تۆتقۇلاقسىزمۇ بەختىمنى تاپقان ئىكەنمەن. چۈنكى، يېنىمدا سەن بار ئىدىڭ، سەن مېنىڭ بەختىم ئىدىڭ! ھېلىھەم ماڭا سوۋغا قىلغان مېھىرلىك، يېقىشلىق ئەسلىمىلىرىڭ، بەختىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بىر جۈپ يۈرەك پارىمىز بىلەن بەختلىكمەن. تۆتقۇلاق ماڭا نە ھاجەت، تۆت قۇلاقسىزمۇ بەختلىكمەن...

  قارا، جېنىم! بۈگۈن قوشماقلىرىمىز شۇنداق خۇشال، چۈنكى ئۇلار ئۈچقۇلاقلار ئارىسىدىن ‹‹بەخت›› ىنى تاپتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاپقان ‹‹بەخت›› لىرىنى بىر – بىرىگە كۆرسىتىپ چۇرقىرىشىپ كەتتى. ئاڭلاۋاتامسەن جېنىم، بۇ قىزلىرىڭنىڭ سېنىڭ قوڭغۇراقلىرىڭنىڭ ئاۋازى. ‹‹ قوشماقلىرىمىزنىڭ بەختى ئېچىلسۇن!››، بىلىپ تۇرۇپتىمەن، سەن بولغان بولساڭ چوقۇم شۇنداق دەيتتىڭ. شۇنداق جېنىم، تۆتقۇلاقسىزمۇ قىزلىرىمىزنىڭ بەختى ئېچىلسۇن! ھەمبەھىرلەش

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر