باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

سودا ۋە ئىچىملىك سودا

2013.11.08 16:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا ئىنگلىزچە Soda نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، خىمىيەلىك تەركىبى Na2CO3 . ئىلمىي نامى(ناترىي كاربونات)، ئۇ ئادەتتە سودا دەپ ئاتالغاندىن باشقا يەنە ساپ شولتا ياكى ساپ ئىشقار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەركىبىدە كىرىستاللىنىش سۇيى بولغىنى گىدراتلىق ناترىي كاربونات دەپ ئاتىلىدۇ.

  سۇسىز ناترىي كاربونات ئاق رەڭلىك پاراشوك ياكى ئۇششاق دانچە ھالەتتە بولۇپ، سۇدا ياخشى ئېرىيدۇ. ئۇ ئادەتتە كۈچلۈك نەملىك سۈمۈرۈشچانلىققا ئىگە بولغاچقا، ھاۋادىكى سۇ تەركىبىنى ئاسانلا سۈمۈرۈۋېلىپ، قاتتىق كىرىستال ھالەتكە ئۆزگىرىۋالىدۇ.

  ئىچىملىك سودىغا سېلىشتۇرغاندا، ناترىي كاربوناتنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى ناھايىتى كەڭ. ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتى بولۇپ ئەينەك ياساش، قەغەز ياساش، توقۇمىچىلىق ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئىچىملىك سودا كۈن – خۇرۇم سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مېتال تاۋلاش سانائىتى، سۇ تازىلاش ۋە ناترىي بىرىكمىللىرىنى ياساش جەھەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

  ئىچىملىك سودىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى NaHCO3 ئىلمىي ئاتىلىشى (ناترىي ھىدرو كاربونات)، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىچىملىك سودا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  ئىچىمىلىك سودا ئاق رەڭلىك كىرىستال بولۇپ، سۇدا ئېرىيدۇ. سۇدىكى ئېرىتمىسى ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئاستا پارچىلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا پارچىلىنىپ بىر قىسىم كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدۇ. ℃270 قىچە قىزدۇرغاندا پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ، كۆپ مىقداردا كاربونⅣ ئوكسىدى قويۇپ بىرىدۇ.

  ئىچىملىك سودا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا نۇرغۇن مۇھىم ئىشلىتىلىشچانلىقلارغا ئىگە. ئۇ ئادەتتە ئوت ئۆچۈرگۈچكە قاچىلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇ كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم خام ئەشيالارنىڭ بىرى، يېمەكلىك سانائىتىدە ئېچىتقۇچىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى، سوغۇق ئىچىملىك ياساشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم خام ماتېرىيال، داۋالاش ساھەسىدە ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىش كېسىلىنى داۋالاشتىكى بىر خىل دورا ھېسابلىنىدۇ. (ھۆسناجى ئابدۇرىھېم تەييارلىغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر