باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

كىيىم – كېچەك بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلىمىسى

ئېركەش قۇرمانبەك

2013.11.08 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ئىككى يىلدا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ھىجابلىنىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى كاماندىروپكىدىن قايتىشىمدا، ھىجابلىنىۋالغان بىر ئايال بىلەن بىر ئايروپىلانغا چىقىپ قاپتىمەن، ئايرودۇرۇمنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە، ھېلىقى ئايال كۆپ ئاۋارە بولدى، بۇ ماڭا 2010 – يىلى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە بارغان چاغدىكى بىر ئىشنى ئەسلەتتى.

  تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، شۇڭا مەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا كۆرمەزمىسى سارىيىغا قويۇلغان بۇيۇملىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. قايسى كۆرگەزمە سارىيى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق، ئېسىل ئايالچە ئاياغ كىيىمگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ ئاياغ كىيىم قەدىمچە قونجىسىغا خىرۇستال قويۇلغان ئاياغ ئىدى. يېنىمدىكى بىرەيلەن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاياللار يۈزىنى يېپىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئاياغ كىيىمى بىلەن نامايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان گەپ. 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى نەشر قىلىنغان ‹‹سۇمۇرغ پاسونى›› ژۇرنىلىدا مۇنداق بىر ماقالىنى كۆردۈم: ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاياللار ھەر يىلى ‹‹پۇتىنى بېزەش››كە نۇرغۇن پۇل خەجلەيدىكەن. شۇڭا ‹‹پۇت بېزەش›› دۇكانلىرى كۆپىيىپ كەتكەن. ئەرەب جەمئىيىتىدە يالاڭئاياغ يۈرۈش چەكلەنمەيدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيە، ھاۋارايى ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرەبلەر قۇملۇق ياكى دېڭىز بويىدا ياشايدۇ، ئەگەر پۇتىنى يۆگىۋالسا، ئىسسىق ھاۋادا پۇت تېرىسى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. ئوتتۇرا شەرق سوتسىيالوگلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەرەب ئاياللىرى يۈزىنى ئورىۋالغاچقا، ئۇلار كىشىلەر دىققەت قىلمايدىغان پۇتى بىلەن گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

  مەن بۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ باقمىغان بولساممۇ، نۆۋەتتىكى يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردىن ئۇلارنىڭ پەن – تېخنىكىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ توغرىلىقىغا قاراپ، بۇ يازما بايانلارنىڭ چىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالمايمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كاللامدا بىر دۆلەت نېمە ئۈچۈن بىر ئايالچە ئاياغ كىيىمنى دۇنيا كۆرگەزمىسىگە قويغاندۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلدى.

  بىر رايون، بىر مىللەتنىڭ كىيىم – كېچىكىنىڭ شەكىللىنىشى بىر مىللەتنىڭ ياشاش شارائىتى، تەبىئىي مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قانداق ماتېرىيال ئىشلىتىش، قانداق كېسىش – تىكىش مەسىلىسىدە ھەر قانداق مىللەت ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتقان. ئسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ياشايدىغان كىشىگە ئېكسموسلارنىڭ تيۇلېن تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىمنى كىيگۈزۈپ قويساق قانداق بولار؟. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۇزاق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدىن كېيىن، كىيىم – كېچەك بىر رايون، بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى، ئەرەب يەكتىكى، شوتلاندىيە يوپكىسى، ھىندىستان سارىسى، ياپونىيە كىمونوسى، زاڭزۇلارنىڭ ئورىما كىيىمى، دەيزۇلارنىڭ تار يوپكىسى، قازاقلارنىڭ پەيلىك بۆكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلىسى ئېسىل مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەدەنىيەت مىراسى ھەمىشە ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىدە ئەڭ تولۇق، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نادىر ئەكس ئېتىدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئەنئەنىۋى كىيىنگەن ئاياللارنى كۆپ ئۇچراتمىساقمۇ، بىراق ئايالچە كىيىم – كېچەكلەر بىر مىللەت كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، دۇنيادا ھەر قانداق بىر مىللەت بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەردىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ ياكى ئىنكار قىلمايدۇ. بايرام ۋە كاتتا يىغىلىشلار بۇ ئەسلىمىلەرنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم – كېچىكى شىنجاڭنىڭ تاغ، قۇملۇق، چۆللۈك، بوستانلىق ۋە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، مىللەت گېنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  مەقسەتكە كەلسەم، مەن مۇنداق ئۈچ مەزمۇندىن ئۇچۇر بەرمەكچىمەن: بىرىنچى، كىيىم – كېچەك تەبىئىي شەكىللەنگەن. كونىلاردا ‹‹يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال›› دېگەن گەپ بار؛ ئىككىنچى، ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى بىر مىللەتنىڭ ئېستېتىك خاھىشىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى كۆزنەك؛ ئۈچىنچى، ئاياللار تۇغۇلۇشىدىن گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، بۇنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈمپەردە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي چەت ئەلدىن كىرگەن.

  نۆۋەتتە ‹‹تىنچلىق›› ۋە ‹‹تەرەققىيات›› زامانىمىزدىكى باش تېما بولۇپ قالدى. مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ‹‹تىنچلىق››نىڭ تولىمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ‹‹تەرەققىيات›› بولسا ‹‹تىنچلىق››تا كەم بولسا بولمايدىغان تايانچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ‹‹تەرەققىيات›› سۆزىنى ھازىرقى تېمىغا باغلاپ ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەرەققىيات ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مىكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ماركىسنىڭ ‹‹لۇدۋىڭ كۇگېلمانغا خەت››تە مۇنداق بىر مەزمۇن بار: ‹‹تارىختىن ئاز – تولا خەۋىرى بار كىشى ئاياللارنىڭ فېرمېنتى بولمىغان بولسا ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئارقىلىق توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ.......›› بۇ مەزمۇندا ‹‹فېرمېنت›› سۆزى جانلىق ئىشلىتىلگەن. ‹‹فېرمېنت›› ئەمەلىيەتتە ئېچىتىلغان ئوزۇقلۇق ماددىسى. ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ فېرمېنتى بولماي، يەنە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئاياللار تەرەققىياتىنىڭ فېرمېنتى. ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ئەمگەك قىلىش مۇمكىن ئەمەس، تارىخ چاقىنىڭ ئايلىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ سانائەتلەشكەن جەمئىيەت، شەھەرلىشىشكە يۈزلەنگەن جەمئىيەت، بارغانسېرى قانۇن – تۈزۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان جەمئىيەت. ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت ياكى كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بولسۇن، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش، قانۇن بويىچە قوغدىلىش، ساغلاملىق ئۈچۈن، ئاياللاردىن بەلگىلىك بىلىمى بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، گۈزەل ۋە يارىشىملىق كىيىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئاۋامنىڭ ئاياللارنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى، شۇنداقلا مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ ‹‹يوشۇرۇن گۈزەللىكى››نىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىسى. ئەستايىدىل ئويلىساق، ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەردە مەيلى خىزمەت كىيىمى، ئىش كىيىمى ياكى ئاممىباب كىيىم، راھەت كىيىم، مودا كىيىم بولسۇن، بۇ كىيىملەرنىڭ زادى غەربكە ياكى شەرققە، قايسى رايون، قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئورتاق تاللىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇرمۇش ئۆزگىرىشى زامانىۋى مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىدۇر. يۈزى ۋە بېشىنى چىڭ ئورىۋالغان ئايال ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە، چىرايىنى كۆرسىتىشنى رەت قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

  دەۋرىمىز ئاياللىرى تەرەققىياتقا، قانۇننىڭ قوغدىشىغا ۋە ئىززەت – ھۆرمەتكە موھتاج، ئاياللار ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە يەنە روھىي ساغلاملىققا موھتاج. بىز سوتسىيالىستىك جۇڭگودا، زامانىۋىلىققا ئىنتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى خانىم – قىزلارنىڭ يۈزىنى ئورىۋېلىشىنى، گۈزەللىكىنى پۇتى ئارقىلىق نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز......... (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر