باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىستۇدېنتلارنىڭ راڭپىزا سېتىشىغا دىياگنوز

ئەكبەر ئىسمائىل

2013.11.11 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ئايدا لوپنور ناھىيەسىدە مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كەچلىك بازاردا راڭپىزا ساتقان گۈزەلنۇر سەلەي بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. كۆپىنچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىشتىن ئىلگىرى كەچلىك بازاردا يايما يېيىشتەك ئاتالمىش ‹‹پارچە – پۇرات›› ئىش قىلىشنى ‹‹ئۆز كۇرسىنى چۈشۈرۈش›› دەپ قارايدىغان ھازىرقى ۋاقىتتا، گۈزەلنۇرنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.

  ئىلگىرى بىر تونۇشۇمنىڭ تۇغقىنى كەچلىك بازاردا چۆچۈرە ساتاتتى، ئاغىنىلەر بىلەن بەزىدە شۇ جايغا بېرىپ چۆچۈرە ئىچەتتۇق ۋە ئەر – ئايال خوجايىنلار ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە ياردەملىشىپ بېرەتتۇق، شۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوغلىنىڭ ئۆيدە بىكار ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ ئوغلىنىڭ ئۇلارغا قارىشىپ بەرمىگەنلىكىدىن ھەيران بولۇشقانىدۇق، كېيىن ئۇقسام ئۇلارنىڭ ئوغلى كەچلىك بازاردا دوست – بۇرادەرلىرى، ساۋاقداشلىرىغا ئۇچراپ قالسا، ئۇلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەپتىكەن.

  گۈزەلنۇر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ 2010 – يىلى چىڭداۋ چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەنلىكىنى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر قانچە ئاي تىل تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقانلىقىنى، لېكىن ئۈرۈمچىدە يالغۇز تۇرۇشنى لايىق كۆرمەي،يۇرتى لوپنورغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇم. گۈزەلنۇر بۇ يىل ئىيۇندا پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا خىزمەتكە چۈشۈپتۇ، ئەمما ھازىرمۇ ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ كەچلىك بازاردا راڭپىزا ساتىدىكەن.

  مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەدبىر قوللاندى، بىراق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ‹‹نېرۋىسى››نى ئەڭ جىددىيلەشتۈرىدىغان تېما بولۇۋاتىدۇ.

  يىل بېشىدا بىر قېتىملىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتناشقانىدىم، مۇخبىرلىق جەريانىدا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنى تاللايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇنىڭدىن قالسا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بېرىشنى خالايدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى ئىكەنلىكىنى، كىچىكرەك شەخسىي كارخانىلارنىڭ بولسا ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدىكى ‹‹مۇقىم خىزمەت›› تاپقۇچە ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرىدىغان ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىر قانچە ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىۋېدىم، ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىسا ئوقۇشنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغاچ، ئۆيدە بىر مەزگىل دەم ئېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇلاردىن ئۇششاق تىجارەت قىلىش ئويىنىڭ بار – يوقلۇقىنى سورىسام، ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى دېدى. ئەلۋەتتە، ھەممە كىشىنىڭ ياخشى، مۇقىم، خاتىرجەم خىزمەت ئورنىدا ئىشلىگۈسى كېلىدۇ، لېكىن خىزمەت ئورنى چەكلىك، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ھېسسىياتقا ئەمەس، ئەقىلگە تايانغان كىشى ھەقىقىي چىقىش يولى تاپالايدۇ.

  گۈزەلنۇرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرماي، كەچلىك بازاردا راڭپىزا ساتقانلىقى قانداقتۇر ‹‹ئۆز كۇرسىنى چۈشۈرگەنلىك›› بولماستىن، بەلكى قەدىر – قىممىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىدۇر. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك بازاردا راڭپىزا سېتىشى، يايما يېيىشى ۋە ياكى ئاياغ مايلىشى خاتا ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىشىدىكى بىر باسقۇچ خالاس، ئۇلار بۇ جەرياندا تۇرمۇش ئۆگىنىدۇ، ياشاش ماھارىتىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ. بۇ، خىزمەت تاپالمىغان ياكى خىزمەت شارائىتىغا قويغان تەلىپى ئورۇندالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئۆز كۇرسى››نى ساقلاپ، تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئۆيدە يېتىۋېلىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ يىلىكىنى شورىغىنىدىن مىڭ ئەۋزەل!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر