باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

چامغۇر كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا شىپا قىلىدۇ

2013.11.13 15:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چامغۇر تەبىئىتى ئىسسىق، زەھەرسىز، ئوزۇقلۇق قىممىتى باشقا كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. چامغۇر تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كراخمال، گلوكوزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانلار ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مېنىرال ماددىلاردىن تۆمۈر، كالىتسىي، فوسفور قاتارلىق ئېلېمنتلارمۇ بار. بۇ ماددىلار چامغۇرنىڭ كۆكىدە كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D لارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ۋىتامىن B يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پۇت تەمرەتكىسى، نېرۋا ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

  چامغۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا يەنە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، قورساق كۆپۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يەلنى ھەيدەيدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا چامغۇرنى خام يىسە ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، جىگەر كېسىلى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قېچىشقاق، قار داغ كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. ماغدۇرسىزلىق ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغانلار تازا پىشقان چامغۇرنى ئېتىزدىن يۇلماي تۇرۇپ كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ، ئۇيۇلغان جايغا ئازراق قارا شېكەر سېلىپ، ئۇيۇلغان تەرىپىنى پاكىز نەرسىلەر بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە چىنە كۆمتۈرۈپ بىر كېچە- كۈندۈز تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۇيۇلغان جايغا يىغىلغان سۇنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر