باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
جۇڭگو غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇيۇشتۇرايلى (1)
2013.11.15 10:07     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› نى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا مۇلاھىزە ( 1 )  مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىدىغان ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››غا مۇجەسسەملەندى. ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۆسۈش ھاسىل قىلىش جەريانىدا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىش ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن نېمىگە تايىنىش كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا، ئىسلاھات قىلىش كېرەك! 2013–يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خەلق رايىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل–پاراستىنى مۇجەسسەملەيدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بۇ كاتتا يىغىندا ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئاچقۇچلۇق تاكتىكا››نى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىتىش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئاۋام بۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.

  ئىسلاھات جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقاردى

  30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ھەر يىلى ئوتتۇرىچە %9.9 لىك ئېشىش نىسبىتى بويىچە دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ھالىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، GDP ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 2–ئورۇندا تۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

  مۆجىزە يارىتىشنىڭ سىرى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتۇر. ‹‹مۇبادا ‹ جۇڭگودا مۆجىزە يۈز بەردى › دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ماھىيىتى ‹ ئىسلاھات مۆجىزىسى› دۇر ››. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو (خەينەن) ئىسلاھات تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا: ‹‹ئىسلاھات جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقاردى››، دېدى.

  ئىسلاھات جۇڭگو غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

  ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا يولۇققان ھەر خىل زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈزۈلمە، مېخانىزم خاراكتېرلىك ئامىلغا ئىگە. ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىسا، پۇرسەتتىن، تەرەققىياتتىن ھەتتا پايدا – مەنپەئەتتىن ئېغىز ئېچىشقا بولمايدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشتا ئىسلاھاتقا تايىنىش كېرەك. ھازىر، جۇڭگونىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز ‹‹پۇرژىنىلىق ئىشىك›› ۋە ‹‹ئەينەك ئىشىك›› مەسىلىسىگە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچرىدى، بەزى كەسىپ ۋە ساھەلەرنىڭ مونوپۇللۇقى بازار رىقابىتىنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە بازار ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
خەۋەرلەر
شەخسلەر سەھىپىسى
  • ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
  • ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدا نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
  • يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدا توغۇلغان بولۇپ، يازغان شىئېر ۋە نەسىرلىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved