باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسىلەر

تالانتلىق شائىر، ئەدىب ئەزىزى

2014.04.24 13:33   مەنبە: خەلق تورى

تالانتلىق شائىر، ئەدىب ئەزىزى

  ئەزىزى 1962 –يىلى سىنتەبىردە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسى مازاركۆل كەنتىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە.

  ئەزىزى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى نەشىرىياتلار تەرىپىدىن «ئوتلۇق تىلەكلەر» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «ئاشىق رىۋايىتى»، «چۈشۈمدىكى قىز» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، «پەرىدۇددىن ئەتتار»، «ھىدايەت نۇرى» ناملىق ئىلمىي ئەسەرلىرى، «دانالار دۇردانىلىرى»، «ئەدەپ –ئەخلاق مىزانلىرى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «روھ پاكلىقى ــ دىل جىلۋىسى»، «ئاياللارنىڭ بەخت قۇياشى»، «ئەھمەد يەسسەۋىي» (رۇمان)، «سىرنامە»، «سەمەرقەنت» (رۇمان) قاتارلىق ئىلمىي، ئەخلاقىي، ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ھەر قايسى ژورناللاردا بىر تۈركۈم نەسىر، ھېكايە، ماقالىلىرى، چەتئەل يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن قىلىنغان تەرجىمىلىرى ئېلان قىلىنغان. «ئاشىق رىۋايىتى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «پەرىدۇددىن ئەتتار» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆزبېكىستاندا ئايرىم-ئايرىم نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز