خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21-يانۋار، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش ئاياللار 1500 مېتىرلىق تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، چىخېتەي شەھىرىدىن كەلگەن فەن كېشىن 2 مىنۇت 16 سېكۇنت 24 نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ئوردۇس ماھىرى لى جىنيۈ 2مىنۇت 16 سېكۇنت 202 نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، ھەر ئىككىيلەن جۇ ياڭ سەككىز يىل ساقلاپ كەلگەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. لېكىن، مۇسابىقە دەرىجىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، فەن كېشىن بىلەن لى جىنيۈنىڭ نەتىجىسىنى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسى ئېتىراپ قىلىشى تەس بولۇشى مۇمكىن. خاربىن ماھىرى يىن چى 2مىنۇت 16 سېكۇنت 771 نەتىجە بىلەن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى