باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دارمىن بېيسېن: مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرگۈم بار

2016.01.25 15:33   مەنبە: خەلق تورى

دارمىن بېيسېن: مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرگۈم بار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 23-ئۆكتەبىر چۈشتە فۇكاڭ تەڭرىتاغ «بوغدا» كۆلى مۇسابىقە رايونى U شەكىللىك تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تاختىدا تېيىلىش تۈرىدە شىنجاڭلىق ماھىر، ئۈرۈمچى كوماندىسىدىكى ماھىر دارمىن بېيسېن 56.9 نەتىجىدە 6 - لىككە ئېرىشتى. بۇ تۈردىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان يەرلىك تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، تاماشىبىنلار ئۇ ھەربىر قېتىم سەكرىگەندە ئۇنىڭغا توختىماي چاۋاك چېلىپ ئۇتۇق تىلىدى. گەرچە دارمىن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە كۆپ قېتىم نەتىجە ئالغان باشقا ماھىرلار ئالدىدا ئۇ ئاخىرى 6 -لىككە ئېرىشتى.

  ___

  مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ماڭا توختىماي ئۇرغان چاۋاكلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇردى، مەنمۇ بۇنىڭدىن بەك ئىلھاملاندىم، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە كەلگەن ماھىرلار ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. مۇسابىقە ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ماھىرلارنىڭ ئۇچرىشىشى بولدى، مەن ھەر بىر قېتىملىق سەكرەشتە يۇرتۇمدىكىلەرنىڭ مەدىتىدە ھەربىر ھەرىكىتىمنى ياخشى قىلىپ، ياخشى بىر نەتىجە ئېلىشقا تىرىشتىم،- دېدى دارمىن بېيسېن ماڭا تېلېفوندا.

  دارمىن بېيسېن تارباغاتايلىق بولۇپ، 2007 - يىلى 14 يېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ بىر تېز سۈرئەتتە تېيىلىش ماھىرى ئىدى. 2008 - يىلى ئاپتونوم رايون U شەكىللىك تېيىلىش مەيدانىدا يەككە تاختىدا تېيىلىش كوماندىسى تەشكىللىدى. دارمىن ئۆزىنىڭ ياخشى بەدەن شارائىتى ۋە تېخنىكىسى بىلەن بۇ كوماندىغا كىردى. ئەزەلدىن U شەكىللىك تېيىلىش مەيدانىنى كۆرۈپ باقمىغان دارمىن شۇ يىلى خېيلۇڭجياڭنىڭ يابۇلى چاڭغا مەيدانىدا تۇنجى قېتىم كۆردى.

  ___

  خېيلۇڭجياڭنىڭ يابۇلى چاڭغا مەيدانىدا تۇنجى قېتىم U شەكىللىك تېيىلىش مەيدانىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم، توۋا مۇنداقمۇ مەيدان باركىنا، بۇ يەردە قانداق تېيىلىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغانىدىم، دەسلەپكى كۈنىدىكى مەشىقتە ئاز بولغاندىمۇ 10 نەچچە قېتىم يىقىلىپ چۈشتۈم، ترېنېرىم ماڭا زېرىكمەي، تېرىكمەي تېخنىكىنى ئۆگەتتى، مېنى رىغبەتلەندۈردى،- دېدى دارمىن ماڭا.

  2012-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان دارمىن دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن تۇنجى قازاق مىللىتىدىكى تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا ئۇ كۆپ تۈرلەردە چېمپىيون بولدى. 2013 -/ 2014 - يىللىق مەملىكەتلىك U شەكىللىك تېيىلىش مەيدانىدا يەككە تاختىدا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. 2012 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇ بېلى يارىلانغانلىقتىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، بۇ قېتىم ئۆز مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئۇ بەل ئاغرىقىغا قارىماي مۇسابىقىگە قاتناشتى. كۆكتە 1080 گىرادۇس ئايلىنىش ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان بولسىمۇ لېكىن يەرگە چۈشۈش جەريانىدا يىقىلىپ چۈشۈپ نومۇرى تارتىلىپ كەتتى.

  ___ بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى، مېنىڭ ئويۇم داۋاملىق كوماندىدا قېلىپ قېلىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرگۈم بار،- دېدى دارمىن ئاخىرىدا تېلېفوندا ماڭا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر