باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس: پەلەستىن فىرانسىيە بىلەن خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى مەسىلىسىنى كېڭەشمەكتە

2016.01.25 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 23-يانۋار كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب ئەللىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا پەلەستىن ھۆكۈمىتى فىرانسىيە بىلەن خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى كېڭەشمەكتە. ئابباس زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەقسەت پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش مىخانىزىمى ئورنىتىش ھەمدە ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش. ئابباس مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: ئەرەب ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭەشكەندىن كېيىن، پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەھۇدىي مەھەللىسىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەمدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىماسلىقىغا بولۇپمۇ يەھۇدىي ئاھالىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر