خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-دېكابىر، گۇاڭدوڭ جاۋچىڭ ساقچى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جاۋچىڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە زور زەھەر ياساش-ئەتكەسچىلىك دىلوسى پاش قىلىنغان، ساقچى تەرەپ جەمئىي 731كىلوگرام پۈتكەن مۇزسىمان زەھەر، 1.21توننا يېرىم پۈتكەن ئارىلاشما مۇزسىمان زەھەر، 226كىلوگرام زەھەر ياساش خام ماتېرىيالىنى قولغا چۈشۈرگەن. جاڭ Xقاتارلىق دىلوغا چېتىشلىق 8نەپەر كىشىنىڭ ھەممىسى تورغا چۈشكەن، دىلوغا چېتىشلىق 5ئاپتوموبىل تۇتۇپ قېلىنغان. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى