مۇشۇمۇ ئىنسانىي ھوقۇق «ئۇستازى» بولدىمۇ؟ بۇ، مەسخىرىگە قېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس!
2021.02.26 19:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، ئايرىم دۆلەتلەر ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم بىلەن جۇڭگوغا قارا چاپلىدى. ئويۇننى ھەرقانچە كۈچەپ ئوينىسىمۇ يەنىلا ئويۇن. «ئىنسانىي ھوقۇق»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇش نەيرىڭى ئاللىقاچان يېڭىلانمايدۇ، شۇنداقلا ئاقىلانىلىكمۇ ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەمەلىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، ئايرىم دۆلەتلەرگە نەزەر سالساق، ئۆزلىرى ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلماي، كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئۆزىنى ئىنسانىي ھوقۇق «ئۇستازى» دەۋېلىشقا قانداق سالاھىيىتى بار؟
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ