- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە غەرب ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى مەنئىي قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەردى
2014.09.10 13:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەدىكى «ئاۋام گېزىتى»نىڭ 8-سىنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېف: رۇسىيە ئېنېرگىيە ياكى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە يېڭى جازاغا ئۇچرىسا، رۇسىيە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، دېگەن ھەمدە رۇسىيەنىڭ غەرب ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى مەنئىي قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن.مېدۋېدېف مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: غەرب ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىنسا، ھازىرقى ئەھۋالى خېلىلا ناچار نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دېگەن: رۇسىيە دائىرىلىرى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان قارشى تەدبىرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، غەربنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان بىر قاتار يېڭى جازالاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلماسلىقى مۇمكىن، غەربتىكى دوستلارنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر