خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل كۇچا ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەر نەشپۈتلىك باغلارنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك پەرۋىشلىرىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن ناھىيە بۇيىچە 52 مىڭ 400مو باغدىكى نەشپۈتلەر تازا ئوخشىدى، دېھقانلار 1-سېنتەبىردىن باشلاپ نەشپۈتلەرنى ئۈزۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ، ئوراپ-قاچىلاپ ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرى ۋە نەشپۈت سودىگەرلىرىگە سېتىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، نەشپۈتلىك باغلارنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن ئېىشش مۆلچەرلەنمەكتە.
سۈرەتتە: 7- سېنتەبىرى خانىقاتام يېزىسىنىڭ باغۋەن كەنتىدىكى دېھقانلار نەشپۈتلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ قاچىلىماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى